قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرلان يەرمەكبايېۋ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1700124
قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى بېرىك ئۇئالى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يەرمەكبايېۋنىڭ ئىستېپانامەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرمەكبايېۋ، 26 – ئاۋغۇست كۈنى جامبىل ۋىلايىتىگە قاراشلىق بايزاكوۋ ناھىيەسىدىكى ھەربىي ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كونتىرول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

رەسمىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ھەربىي ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا ئارقىمۇئارقا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا، ھەربىي خادىملار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان  15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ، كۆپىنچىسى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بولۇپ، جەمئىي 90 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر