مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قىرىم مۇنبىرى دۆلەتلىك ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قىرىم مۇنبىرى قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا يېتىپ باردى ۋە قىرىم مۇنبىرى دۆلەتلىك ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

1696077
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قىرىم مۇنبىرى دۆلەتلىك ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ زىيارەتنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلەپ، «بىز قىرىم مۇنبىرى قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەتكە ئۆتكەن قىرىم مۇنبىرى دۆلەتلىك ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان خىلاپلىققا (يەنى قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىش) قا قارشى بىر ئاۋاز بۇلۇپ سۆز قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر