ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 85

1690112
ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى

تۈركمەنىستاندا چاقىرىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى 5-ئاۋغۇستتىن 6-ئاۋغۇستقىچە، تۈركمەنىستاننىڭ ئاۋازا ساياھەت رايونىدا،  ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاھىدە ۋەكىلى قاتناشتى. يىغىندا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇھىت، ئىقتىساد ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تاشكەنتتە رايونلۇق پارلامېنتلار مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىش تەكلىپى سۇندى. قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، ترانس ھازار كارىدورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. يىغىن ئاخىرىدا، رەھبەرلەر بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويدى.

رەھبەرلەر كېيىنچە يەرمەنكە رايونىغا بېرىپ، رايون دۆلەتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنغان سۇپىلارنى زىيارەت قىلدى. بۇ يەرمەنكىگە بەش دۆلەتتىن كەلگەن 250 شىركەت قاتناشتى. يىغىن دائىرىسىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا خاس مىللىي تائاملار كۆرگەزمىسىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن دائىرىسىدە ئاۋازادا ئوتتۇرا ئاسىيا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى ۋە سودا - سانائەتچىلەر قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا، باياننامە قوبۇل قىلىندى. يىغىن دائىرىسىدە 85 كېلىشىم ئىمزالاندى.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاۋازادا ئوتتۇرا ئاسىيا ئايال رەھبەرلەرنىڭ دىئالوگ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، پارلامېنتلاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ئايال رەھبەرلەر بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

زىيارەت دائىرىسىدە دۆلەت باشلىقلىرى ۋە مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە كۆپ ساندا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، 2021-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى تۈركمەنىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، 19 كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ يەردە،  راخماننىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ  5-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايوننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەرگە بولغان ئورتاق سىياسىي پوزىتسىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرماي ۋە خەلقئارا تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەمكارلاشماي تۇرۇپ قۇدرەت تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس.

بۇ دائىرىدە، يىغىندا قارار قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودا - سانائەتچىلەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا، رايون دۆلەتلىرى چېگرادا ئورتاق سودا رايونى قۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

رەھبەرلەرنىڭ ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ئورتاق ۋىزا بىلەن ساياھەت قىلغىلى بولىدىغان ساياھەت رايونى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىمۇ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەم شەرق-غەرب ھەمدە جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى قاتناش رايونىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنالمايۋاتىدۇ. يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ۋە مازارى شېرىف-كابۇل-پېشاۋار كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھازار پورتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى، رايوننىڭ قاتناش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.

يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى، ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكى مەسىلىسى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئافغانىستاندىن كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خىرىسنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقلىرىنى، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر