ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار چېگرا رايونىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى.

1685806
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ يەللىجە يېزىسى يۆنىلىشىدىكى ھەربىي نۇقتىلار، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14.50 دە باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ ئەزىزلى يېزىسىدىكى ئەرمېنىيە ھەربىي نۇقتىلىرىدىن ئوققا تۇتۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايون ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئۆلۈم ھادىسىسى يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر