ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى

ئەرمېنىيە قىسىملىرى نەخچىۋان جۇمھۇرىيىتىدە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى.

1683479
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار،  ئەرمېنىيەنىڭ ۋېدى ۋىلايىتىنىڭ ئارازدېيېن يېىزىسى ئەتراپىدىكى ھەربىي نۇقتىلاردىن، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3 تىن 45 مىنۇت ئۆرتكەندە، نەخچىۋاننىڭ سەدەرەك ۋىلايىتىنىڭ ھەيدەرئاباد ئولتۇراق رايونلىرىغا جايلاشقان ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئۆلۈم ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەرمېنىيە تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر