شىمالىي قىبرىستا «1 – ئاۋغۇست ئاممىۋى كۈرەش بايرىمى» تەبرىكلەندى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 45 -، تۈرك قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ 63 – ۋە قىبرىسنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 450 – يىللىقى بولغان «1 – ئاۋغۇست ئاممىۋى كۈرەش بايرىمى» لەفكوشادا مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.

1683577
شىمالىي قىبرىستا «1 – ئاۋغۇست ئاممىۋى كۈرەش بايرىمى» تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «1 – ئاۋغۇست ئاممىۋى كۈرەش بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك ئابىدەسى، لەفكوشا شېىھىتلار ئابىدەسى ۋە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئايرىم - ئايرىم مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، قىبرىستا 450 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «1571 – يىلى، 1 – ئاۋغۇست كۈنى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قوشۇنلىرىنىڭ قىبرىسنى پەتھى قىلىشى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ قىبرىستىكى ھايات – ماماتلىق كۈرىشى باشلاندى. ئوخشىمىغان باسقۇچلار ۋە دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. قىبرىس تۈرك خەلقى مىللىتىمىزگە لايىق رەۋىشتە بۇ مۇقەددەس تېرروتېرىيەلەردە ئىزچىل كۈرەش قىلدى. پۈتكۈل بۇ كۈرەش ھېكايىرىلىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە ئانادولۇ تۈركلىرى ھەردائىم يېنىمىزدا ئىدى.»

تۈرك قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ 1958 – يىلى، 1 – ئاۋغۇست كۈنى بىر مۇداپىئە تەشكىلاتى سۈپىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تاتار، 1955 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى EOKA نىڭ شەرمەندىلەرچە ھۇجۇملىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە قىبرىسنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋەھشىلىك ۋە زۇلۇم – سىتەمگە مۇراجىئەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

قىبرىستا ئۇزۇن يىللار فېدېراتسىيە تۈزۈمى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ ئەمدى ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تاتار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتە بىز، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئورناتقان ۋە يانمۇيان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن قىبرىستا ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. خەلقىمىزمۇ ئەركىن ئىرادىسى ئارقىلىق بۇنى ماقۇللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. ئەڭ مۇھىمى، تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسەتنى تولۇق قوللىشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر