ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيەنامە يوللىدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ فىرات قالقىنى رايونىدا تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان تۈرك ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە تېەكلىرىنى يوللىدى.

1679780
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيەنامە يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ فىرات قالقىنى رايونىدا تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ كىرپە برونىۋىك ئاپتوموبىلىغا قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغان تۈرك ئەسكەرلەر ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاكار ۋە ئارمىيە باش شىتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرگە تەزىيانامە يوللىدى

ەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ يوللىغان تەزىيەنامىسىدا، «تېرورلۇققا قارشى ھەربىي  ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان فىرات قالقىنى رايونىدا، قېرىنداش تۈركىيە قوراللىق قىسمىغا قىلىنغان خائىنلارچە تېرورلۇق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە شەرەپلىك تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەر مېنى چوڭقۇر ئازابلىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

زاكىر ھەسەنوۋ شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرگە شىپالىق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر