ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمى 24 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1679065
ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى سەينىددىن نىزامخوجايېۋ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ، دۆلەتتە پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 24 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقىنى، سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ بۈگۈندىن ئېتىبارەن باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشى،  فېۋرال ئېيىدا 12-ئايدا  ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىنى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەستىقلىغانىدى. يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ئىلگىرى 20-دېكابىردىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 20-ئۆكتەبىردىن كېيىنكى بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

پىرېزىدېنت 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن سايلىنىدىغان دۆلەتتە، ئالدىنقى قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمى 2016-يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن، شۇ قېتىمقى سايلامدا 3 رەقىگە قارشى % 88.61 ئاۋازغا ئېرىشكەن شەۋكەت مىرزىيويېۋ غەلىبە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر