ئەزەربەيجان ھەيئىتى تۇنجى قېتىم شىمالىي قىبرىستا رەسمىي زىيارەتتە بولدى

ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ھەيئىتى تۇنجى قېتىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

1676647
ئەزەربەيجان ھەيئىتى تۇنجى قېتىم شىمالىي قىبرىستا رەسمىي زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ھەيئىتى جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار، جۇمھۇرىيەت مەجلىسى باشلىقى ئۆندەر سەننارئوغلۇ ۋە باش مىنىستىر ئەرسان سانەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

سەمەد سەيىدوۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئالدى بىلەن جۇمھۇر رەئىس تاتار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، تاتار، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئۈچ مىللەت، بىر دۆلەتمىز، ھەممىمىز تۈرك ئىرقىدىنمىز» دېگەن.

ئەزەربەيجاننىڭمۇ شېھىتلەر بەرگەنلىكىنى، زۇلۇم ۋە ئازابلارغا دۇچار بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان تاتار: «سىلەرنىڭ ئازابىڭلار بىزنىڭ ئازابىمىز بولۇپ كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى تاشقى ئىشلار ۋە پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەيىدوۋ: «تۈركىيەنىڭ كۈچى ئەزەربەيجاننىڭ كۈچى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچى» دېگەن ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇرىيەت مەجلىسى باشلىقى سەننارئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ: «بىز بىر مىللەت، ئىككى دۆلەتمىز، ئۈچىنچىسى بولسا بۇ يەردىدۇر» دېگەن سەيىدوۋ، بۈگۈن تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ كۈچى بىلەن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سەيىدوۋ باش مىنىستىر سانەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغاندا بولسا، ياۋروپا كېڭىشىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئادالەتنى قوغدايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر