يېقىنقى مەزگىلدىكى تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 80

1671726
يېقىنقى مەزگىلدىكى تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلغان زىيارىتى دائىرىسىدە يېقىنقى مەزگىلدىكى تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ 

2021-يىلى، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي، 6-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. تاشكەنتتە فۇئات ئوكتاينى ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سەردار ئۇمۇرزاكوۋ قارشى ئالدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، 28-ئىيۇن كۈنى، تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ يىل ئۆزئارا زىيارەتلىرىدە كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. 2-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئۆزبېكىستاندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ بولسا، تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئوكتاي بىلەن ئۇمۇرزاكوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 6- نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا، تەرەپلەرنىڭ 58 مەسىلىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت دائىرىسىدە، تاشكەنتتە 250 كارخانىچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆزبېكىستان-تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. فۇئات ئوكتاي بىلەن سەردار ئۇمۇرزاكوۋ ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، 679 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 25 كېلىشىم ئىمزالاندى.

فۇئات ئوكتاي ئۆزبېكىستاندىكى تۈرك كارخانىچىلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ، سەمەرقەند ۋە بۇخارا شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتتى.

2019-يىلى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن سودا سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا، 2022-يىلى يېتىلىشى كۈتۈلمەكتە. يېقىنقى بىر يېرىم يىل ئىچىدە، ئۆزبېكىستاندا 500 دىن ئارتۇق تۈرك شىركىتى قۇرۇلدى. ئىسلام كەرىموۋ دەۋرىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن تۈرك شىركەتلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى قايتۇرۇلماقتا. تۈركىيە بانكىلىرى ئۆزبېكىستاندا شۆبە ئاچماقتا. تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئاپرېلدا ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. 2021-يىلى، 7-مارت كۈنى، سەمەرقەنتتە تۈركىيەنىڭ باش كونسۇلخانىسى رەسمىي ئېچىلدى. مايدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئانتاليادىكى پەخرىي كونسۇلى تەيىنلەندى. ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىستانبۇلدىن ئۆزبېكىستاندىكى سەككىز نۇقتىغا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشقا باشلاندى.

ئالدىنقى يىلى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان، تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەربىي پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە نەق پۇل ياردەم بېرىش كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغانىدى. مىرزىيويېۋ  مەزكۇر كېلىشىمنى ئۆتكەن يىلى مارتتا تەستىقلىدى. 2021-يىلى، 23-مارتتىن 27-مارتقىچە، تىرمىزدا ئۆزبېكىستان-تۈركىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى. يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.

تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولغان ئۆزبېكىستان، ئالدىنقى ھەپتىلەردە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە ئەزا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركسويغا ئەزا بولۇشىمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشىدۇ. 2021-يىلى، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 6-نۆۋەتلىك ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، قوقەند شەھىرى، «تۈرك دۇنياسىنىڭ ساياھەت پايتەختى» ئېلان قىلىندى.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ ئۈنۈملۈك مەزگىلنى باشتىن كەچۈرمەكتە. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىشى، «تۈرك دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ تەرەققىي قىلىشى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر