تاتار: فېدېراتسىيە دەپتىرى يېپىلدى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ۋاقتى كەلگەندە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدا بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «ۋاقتى كەلگەندە ئۇ ئېتىراپ قىلىشمۇ بولىدۇ. ھازىر مۇھىم بولغىنى سىياسەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدۇر» دېدى.
ئۇ: «بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە شەكىللەندۈرگەن سياسەت، ھازىر قىبرىستىكى ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل دۆلەتتۇر. فېدېراتسىيە دەپتىرى يېپىلدى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىدە مېنى تولۇق قوللىدى» دېدى.
ئۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدا بەزى قىيىنچىلىقلار بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى، قىبرىستا ئىككى ئايرىم خەلق بارلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرسىنىڭ تۈرك خەلقى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن بۇ شەكىلدە سىياسىي مۇناسىۋەت بارلىقىنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن ۋاقتى كەلگەندە، ئېتىراپ قىلىشمۇ بولىدۇ. ھازىر مۇھىم بولغىنى سىياسەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدۇر» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.