ئەزەربەيجان 92 مىڭ مىنانىڭ خەرىتىسى تاپشۇرۇش بەدىلىگە 15 مەھبۇسنى قويۇپ بەردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 92 مىڭ مىنانىڭ خەرىتىسى بېرىش بەدىلىگە ئەزەربەيجاندا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 15 كىشىنىڭ ئەرمېنىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1669381
ئەزەربەيجان 92 مىڭ مىنانىڭ خەرىتىسى تاپشۇرۇش بەدىلىگە 15 مەھبۇسنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىلگىرى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان فۇزۇلى ۋە زەنگىلان ۋىلايەتلىرىدە تانكىغا ۋە ئەسكەرلەرگە قارشى كۆمۈلگەن 92 مىڭ مىنانىڭ  يەر خەرىتىسىنى ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ بۇنىڭ بەدىلىگە ئەزەربەيجاندا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 15 ئەرمىنىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى

ئەزەربەيجان ئىلگىرىمۇ ئاغدام ۋىلايىتىگە كۆمۈلگەن 97 مىڭ مىنانىڭ خەرىتىسىنى تاپشۇرۇش بەدىلىگە ئەرمىنىيەگە 15 كىشىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر