تاتار ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن كۆرۈشتى.

1664829
تاتار ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى ئىشخانىسىدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 12.30 ئەتراپىدا باشلانغان كۆرۈشۈش، تەخمىنەن يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتاردىن بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى  بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىريۇسسېلدا يېتىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر