تاتار تۈركىيەنى يەرلىك ۋاكسىنا «تۇركۇۋاك» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تۈركىيەنى يەرلىك ۋاكسىنا «تۇركۇۋاك» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

1663005
تاتار تۈركىيەنى يەرلىك ۋاكسىنا «تۇركۇۋاك» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجاغا تېلېفون قىلىپ، ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ۋە 3 – باسقۇچقا قەدەم قويغان  يەرلىك ۋاكسىنا «تۇركۇۋاك» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.

ئۇ يەنە، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشقانلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر