تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە سىنوۋاك ۋاكسىنىسى يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەنە 50 مىڭ قۇتا سىنوۋاك ۋاكسىنىسى يوللىدى.
1662405
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاكسىنىلار قاچىلانغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئەرجان ئايرودۇرۇمىغا قونغانلىقىنى ئۇقتۇردى.