تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئۈچۈن مەخسۇس ۋىدېئو ئىشلىدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇشانى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى سالاملىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1658875
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئۈچۈن مەخسۇس ۋىدېئو ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەزەربەيجان ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان ۋىدېئوسى تۋىتتېر بېتىدە ھەمبەھىرلەندى.

مىنىستىرلىقنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋ تارىخىي زىيارەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان شۇشانى ‹بىر ۋەتەن ھەرىكىتى› ئارقىلىق ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغان قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى ۋە قېرىنداش قەھرىمان ئەزەربەيجان خەلقىنى سالاملايمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر