تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈكتە بىر ساقچىنى ئۆلتۈردى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىراق فېدېراتىپ ساقچى قىسمىغا تەۋە تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ساقچى قازا قىلدى.

1656961
تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈكتە بىر ساقچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مېدىيا تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رىياد ناھىيەسى ئەتراپىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا بىر ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014-يىلى ئىراقنىڭ موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلار بىر نەچچە يىل ئىچىدە دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ھەيدەر ئەلئابادى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دائېشقا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراقنىڭ دائېشتىن تازىلانغانلىقىغا 4 يىل بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ۋىلايەتلەرنىڭ يېزىلىرىدا دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر