موڭغۇلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇئەييەنلەشتى

ھاكىمىيەت بېشىدىكى موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئۇخناگىيىن خۇرېلسۇخ موڭغۇلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1655381
موڭغۇلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موڭغۇلىيە سايلام ھەيئىتى ئېلان قىلغان ئېنىقسىز سايلام نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇخناگىيىن خۇرېلسۇخ (تۈنۈگۈنكى) تەخمىنەن 1 مىليون 75 مىڭ سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان سايلامدا، 820 مىڭدىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن.

سايلامدىكى باشقا ئىككى كاندىداتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن 52 ياشلىق خۇرېلسۇخ، بۇ نەتىجە بىلەن غەلبىسىنى ئېلان قىلدى.

خۇرېلسۇخ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كىشىلەر ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن موڭغۇلىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولۇش ئۈچۈن يانۋاردا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن خۇرېلسۇخ، ئۆكتىچى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى سودنومزۇندۇن ئېردېن ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى دانگاسۇرېنگىن ئېنخبات بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن ئىدى.

2019-يىلى موڭغۇلىيەدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتنىڭ قايتا سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقى ۋە 6 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى قارار قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر