مۇستافا شەنتوپ: تۈرك دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئىپتىخارلىنىش مەنبەيىمىزدۇر

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۈرك دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىپتىخارلىنىش مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1654911
مۇستافا شەنتوپ: تۈرك دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئىپتىخارلىنىش مەنبەيىمىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىكى زور غەلبىسى شۇنداقلا تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر پارلامېنتى خەلقئارا كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئەزەربەيجان ئاتاتۈرك مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى»  تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا سىنلىق ئۇچۇر يوللىدى.

مۇستافا شەنتوپ ئۇچۇرىدا: «تۈرك دۇنياسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىشى ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىپتىخارلىنىش مەنبەيىمىزدۇر. بىز ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كۈلتۈرى بىر بولغان 300 مىليون كىشىلىك ئىنتايىن چوڭ بىر ئائىلىمىز. سىياسەتتىن ئىقتىسادقىچە، مۇداپىئەدىن دىپلوماتىيەگىچە، مائارىپتىن مەدەنىيەتكىچە، ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئېنېرگىيەگىچە بولغان ھەر ساھەدە ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشقا تىرىشىمىز» دېدى.

مۇستافا شەنتوپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۆزئارا رىشتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ كاۋكازنىڭ مەرۋايىتى بولغان  قاراباغنى  (ئەرمېنىيە) ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈرەش قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «قېرىنداشلىرىمىز ئېتىقادلىرى، يۈرەكلىرى، جاسارەتلىرى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كەلگۈسىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى ئىكەنلىكلىكلىرىنى ئۇرۇش مەيدانىدىن پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نىشانىمىزنى ۋە ماسلىشىشچان رايونلۇق ھەمكارلىق تەشەببۇمىزنى دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بۇيەردىن يەنە بىر قېتىم جاكارلىماقچىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر