تۈركىيە ئەزەربەيجاندا 2 كەسپىي مەكتەپ ئاچىدىغان بولدى

ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كەسپىي مائارىپ ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى» نى تەستىقلىدى.

1653968
تۈركىيە ئەزەربەيجاندا 2 كەسپىي مەكتەپ ئاچىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە 2021-يىلى 19-فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەزەربەيجان 9- نۆۋەتلىك بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى (KEK) يىغىنىدا ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەزەربەيجاندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىككى يېڭى كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ.

كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمارەتلىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللىرى ئەزەربەيجان تەرەپكە تەۋە بولىدۇ، مەكتەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇلىدۇ.

كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ، ئوقۇغۇچى، سېخ ۋە تەجرىبىخانىلار سانى، دەرسلىك، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، ھەپتىلىك دەرس جەدۋىلى قاتارلىق تەپسىلاتلىرى تۈركىيەنىڭ كەسپىي مائارىپ تەجرىبىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەپلەرنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىشى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنىمۇ ھە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

بۇ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەم تۈركىيە، ھەم ئەزەربەيجان دىپلومى بېرىلىدۇ.

مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغان تۈركىيەلىك خادىملارنىڭ مائاشىنى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئەزەربەيجان ئۈستىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر