قازاقىستان ئانتالياغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارارلاشتۇردى

قازاقىستان 7 – ئىيۇندىن باشلاپ ئانتالياغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى ھەپتىدە 8 گە چىقىرىشنى قارارلاشتۇردى.

1651692
قازاقىستان ئانتالياغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە تاشقى لىنىيە ئۇچۇشلىرىدا تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستانغا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلىدىكەن.  

بۇ دائىرىدە، 7 – ئىيۇندىن باشلاپ ئانتالياغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى ھەپتىدە 8 گە چىقىرىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان، نۇقۇس ۋە سەمەرقەند شەھەرلىرىگىمۇ ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

قازاقىستان سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى بېيبۇت ئاتامقۇلوۋ، ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياز ئايلىرىدا كۆپ ساندا قازاقىستان پۇقراسىنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە بارىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئەھۋال نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئانتالياغا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر