قازاقىستاندا لاي-پاتقاق ئېقىنىدا ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

قازاقىستاننىڭ چارىن جىلغىسىدا شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان لاي-پاتقاق ئېقىنى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى.

1649107
قازاقىستاندا لاي-پاتقاق ئېقىنىدا ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چارىن جىلغىسى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان دالا سەيلىسىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن بىر ئوقۇغۇچىغا مازار بولدى. سەككىز ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 كىشى جىلغا سەيلىسىنى باشلىغاندا، يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. 15 مىنۇتتا شىددىتىنى ئاشۇرغان يامغۇر سەۋەبىدىن چارىن دەرياسى تاشتى ۋە لاي-پاتقاق ئېقىنى پەيدا بولدى.

لاي-پاتقاقتا ئېقىپ كەتكەن بىر ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى جېنىدىن ئايرىلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىككىسى ئوقۇغۇچى. دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ۋەقەدە ئامان قالغان بىر ئوقۇغۇچى، لاي-پاتقاق ئېقىنىغا قارشى بىر تاشنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغانلىقلىرىنى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەرداشلىق بېرەلمەي ئېقىنغا ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر