بۇلغارىيەدە دۆلەتنىڭ باش مۇفتىلىقىغا دوكتور مۇستاپا ئالىش ھاجى سايلاندى

بۇلغارىيە مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلار باش مۇفتىلىقىنىڭ پايتەخت سوفىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، يېڭى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ۋە نىزامنامىدىكى ئۆزگىرىشلەر بەلگىلەندى.

1648283
بۇلغارىيەدە دۆلەتنىڭ باش مۇفتىلىقىغا دوكتور مۇستاپا ئالىش ھاجى سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، باش مۇپتى دوكتور مۇستاپا ئالىش ھاجى ئۈچىنچى قېتىم دۆلەتنىڭ باش مۇپتىلىقىغا سايلاندى.

دوكتور مۇستاپا ئالىش ھاجى 6 مىليون 900 مىڭ نوپۇسلۇق بۇلغارىيەدىكى تەخمىنەن 1 مىليون مۇسۇلمانغا ۋەكالەتەن يىغىنغا قاتناشقان 1305 ۋەكىلدىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە 1039 ۋەكىلنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، قايتىدىن باش مۇفتى بولۇپ سايلاندى.

يىغىندا يەنە، مۇسۇلمانلار دىنىي كېڭىشىنىڭ ئالىي دىنىي شوراسىغا قاتنىشىدىغان 23 ئەزا بېكىتىلدى.

باش مۇپتى دوكتور مۇستاپا ئالىش ھاجى يىغىندىكى پروگرامما نۇتۇقىدا يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان قىلغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە دائىر نىشانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇلغارىيەدىكى ئىماملارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان باش مۇفتى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە پېداگوگىكا مائارىپىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا تۈركىيەنىڭ سوفىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەيلىن سەكىزكۆك، ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا قارادايى شۇنداقلا باشقا پارتىيە مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر