ئەزەربەيجان-ئىران چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان-ئىران چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولغان زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئىككى ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1640043
ئەزەربەيجان-ئىران چېگراسىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەزەربەيجان دۆلەتلىك چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياردىم ۋىلايىتىگە قاراشلىق گەندەرە يېزىسى ئەتراپىدا ئىراندىن ئەزەربەيجانغا ئۆتمەكچى بولغان 3 كىشى بىلەن چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەتكەسچىلەرنىڭ «توختا» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا بويسۇنماي ئوق چىقارغانلىقى، بىرى لېيتېنانت 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىران پۇقراسى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان، ئەمما كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان ئەتكەسچىلەرنىڭ بىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، ئىككىسىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ۋە نەق مەيداندىن تەخمىنەن 10 كىلوگىرام زەھەرلىك چېكىملىك تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

2 گۇماندارنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەمدە ۋەقە ھەققىدە ئىران تەرەپكىمۇ مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر