تاتارىستاندىكى بىر مەكتەپ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى...

1637919
تاتارىستاندىكى بىر مەكتەپ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، كەم دېگەندە 10 ئادەم يارىلاندى.

يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دەسلەپكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، نامەلۇم ئىككى كىشى فايزى كوچىسىدىكى 175- نومۇرلۇق مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمچىلارنى كۆرگەن ۋە مىلتىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جىددىيچىلىك پەيدا بولغان، بەزى ئوقۇغۇچىلار دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەۋەتىلگەن. دائىرىلەر، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ 17 ياشتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ھۇجۇمدا بىر ئوقۇتقۇچى ۋە سەككىز ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كەم دېگەندە 10 ئادەم يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر