قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 71

1635432
قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

«فەرغانە ۋادىسى» دا ئوتتۇرىغا چىققان چېگرا مەسىلىسى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ 

 2021-يىلى، 28 – ئاپرېل كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ باتكەن ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ يېزىسىدىكى «گولوۋنوي» سۇ تەقسىملەش توسمىسىدا، تاجىكىستان تەرەپ ۋىدېئو كامېرا ئورناتماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا تاشلىق – كالتەكلىك جېدەل - ماجىرا يۈز بەردى. توقۇنۇشقا ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى داخىل بولغاندىن كېيىن، ۋەقەلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. تاجىكىستان قوراللىق قىسىملىرى ۋە قوراللىق تاجىكىستان پۇقرالىرى بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر تىپتىكى مىلتىق، تانكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ 11 يېزىسى ۋە چېگرا لىنىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى. 30 – ئاپرېل كۈنى، تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. سوغۇققانلىق غالىب كەلدى ۋە «فەرغانە ۋادىسى» خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ يېڭى ئۇۋىسى بولۇشتىن ھازىرچە ساقلىنىپ قالدى.

4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، قىرغىزىستان تەرەپتىن بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 34 قىرغىزىستان پۇقراسى ئۆلدى. 178 كىشى ئوخشىمىغان شەكىلدە  يارىلاندى. ھۆكۈمەت تېخىچە دەلىللىنمىىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەلەردە، تاجىكىستان تەرىپىدىن 15 ئادەم قازا قىلغان، 90 ئادەم يارىلانغان. قىرغىزىستان تەرىپىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئىغۋاگەرلەر، قىرغىزلارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشىدىن پايدىلىنىپ، قىرغىز يېزىلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەن. نەتىجىدە، 100 دىن ئارتۇق بىنا پۈتۈنلەي خاراب بولغان. ھالبۇكى، تاجىكىستان تەرەپتە بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەن.

29 – ئاپرېل كۈنى، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 30-ئاپرېل قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، ئالدى بىلەن قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلىق كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى  بىلدۈردى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلىق كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلدى. چەت ئەلدىكى تاجىكىستان ئۆكتىچىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىمامئەلى راخمون ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستاندا 2021-يىلى، 1 – 2 – ماي كۈنلىرى  «مىللىي ماتەم كۈنى» ئېلان قىلىندى.

يېقىنقى ۋەقەلەر،  بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن،  «تاجىكىستان تەرەپنىڭ قىرغىزىستان تېرروتېرىيەسىدىكى <ۋورۇھ ئانقلاۋىنا> رايونىغا قورال كۈچى بىلەن يول ئېچىپ، قىرغىزىستاننىڭ لەيلەك ناھىيەسىنى ئانقلاۋ رايونىغا قوشۇۋېلىش تشەببۇسى» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىنماقتا. ئانقلاۋ، «بىر دۆلەتنىڭ تېرروتېرىيەسىگە جايلاشقان باشقا بىر دۆلەتنىڭ زېمىن پارچىسى»، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.  ئەسلىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، تاجىكىستاننىڭ رامىزان ئيىدا تۇيۇقسىز قىرغىزىستانغا ھۇجۇم قىلىشىدۇر. ئىلگىرىكى چېگرا مەسىلىلىرىدە، تاجىكىستان ئارمىيەسى بۇنداق پوزىتسىيەدە بولمىغانىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا قورال ئىشلەتمەسلىك كېلىشىمى بار ئىدى. يېقىنقى بەزى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر، يەنى قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدىكى رۇسىيە – تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى، سېرگېي شويگۇنىڭ دۇشەنبەدە زىيارەتتە بولۇشى، رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپلىمە ئەكىس ئەتتۈرۈشى، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تېھران زىيارىتى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر، بۇ ۋەقەلەردە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تاجىكىستاننى پەردە ئارقىسىدىن قوللاپ قوللىمىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا زېمىن ھازىرلاپ بەرمەكتە.

بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، ۋەقەلەر جەريانىدا، قىرغىزىستان جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تۈرك كېڭىشىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈلدى. قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلگەن، ھەتتا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر