قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە رەسمىي قەدەم قويدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ پارلامېنتلىق تۈزۈمدىن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئىمزالىدى.

1634377
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە رەسمىي قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت سادىر جاپاروۋنىڭ 11 – ئاپرېلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ئىجرائىيە، ئەدلىيە ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بىر مۇراسىمدا ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى بىلەن، قىرغىزىستان 2011 – يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان پارلامېنتلىق تۈزۈمدىن ۋاز كېچىپ پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتتى.

مەزكۇر سىستېمىدا مىنىستىرلار، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ۋالىيلار پىرېزىدېنت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

دۆلەتتە يەنە، تەۋسىيە خاراكتېرلىك قارارلارنى چىقىرىدىغان «خەلق قۇرۇلتىيى» ناملىق يېڭى بىر ئورگان تەسىس قىلىنىدۇ.

قىرغىزىستان خەلقىنىڭ %79.18 ى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر