ئەردوغان پىرېزىدېنت ئەرسىن تاتارنىڭ دادىسى ئۈچۈن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتارنىڭ دادىسى رۇستەم تاتارنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈردى.

1627863
ئەردوغان پىرېزىدېنت ئەرسىن تاتارنىڭ دادىسى ئۈچۈن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەردوغاننىڭ ئەرسىن تاتارغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

رۇستەم تاتارنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە پىرېزىدېنت ئەرسىن تاتارغا شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىرچانلىق تىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر