قىرغىزىستاندا يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نىشان قىلىنغان يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى.

1619280
قىرغىزىستاندا يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا خەلق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نىشان قىلىنغان يېڭى  ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ۋە يەرلىك سايلاملار ئۈچۈن  بېلەت تاشلىدى. سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ،% 79.1 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

سايلامغا، دۆلەت مىقياسىدا % 30.89 كىشى، يەنى تەخمىنەن 6 يېرىم مىليون نوپۇسلۇق دۆلەتتە، تىزىمغا ئالدۇرغان 3 مىليون 600 مىڭ سايلىغۇچىدىن 1 مىليون 25 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.

سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، يېڭى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈش نىشان قىلىنغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسى % 79.1 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

شۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى ئۈچۈن % 50 چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈلگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر