تۈركىيە ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان قىرىم تاتارلىرىغا تۇرالغۇ ياساپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ، مىكولايېۋ ۋە كېرسون شەھەرلىرىدە 500 تۇرالغۇ ياساپ بېرىدىغان بولدى.

1618853
تۈركىيە ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان قىرىم تاتارلىرىغا تۇرالغۇ ياساپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم تىۋىتتېر ھېسابىدىكى ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ مەنسەپداشلىرى بىلەن بىرگە تۈنۈگۈن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان تۈركىيە-ئۇكرائىنا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇرات قۇرۇم ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن قىرىم تاتار خەلقى ۋەكىللىرى ۋە ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ پايدىلىنالىشى ئۈچۈن تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش دائىرىسىدە رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇرات قۇرۇم: «بۇ كېلىشىم ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان قىرىم تاتارلىرى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تۇرالغۇ سېلىپ بېرىش لايىھىسى بويىچە تۇنجى كونكرېت قەدەم  بولدى. بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە كىيېۋ، مىكولايېۋ ۋە كېرسون شەھەرلىرىدە 500 تۇرالغۇ سالىمىز. بىز ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان بۇ لايىھەنىڭ مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ساھەلىرىدە يېڭى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز. ھازىردىن باشلاپلا بىرلىكتە ئېلىپ ماڭىدىغان بۇ لەيىھەنىڭ  تۈركىيە-ئۇكرائىنا دوستلۇقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولىشىنى تىلەيمەن» دېدى.

مىنىستىر مۇرات قۇرۇم ئۇچۇرىغا يەنە،  يىغىندا تارتىلغان سۈرەتلەرنىمۇ قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر