ئەيدا بالايېۋا: قازاقىستان تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى مول تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ

قازاقىستان ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئەيدا بالايېۋا پايتەخت ئەنقەرەدە 5- ۋە 6-ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزىدىغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلدى.

1614844
ئەيدا بالايېۋا: قازاقىستان تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى مول تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئەيدا بالايېۋا ئەنقەرە زىيارىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «زىيارەت دائىرىسىدە ئۇچۇر -ئالاقە، دىن، ئائىلە، ياشلار سىياسىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتى ساھەلىرىدە ئۆزئارا مۇزاكىرىلىشىمىز» دېدى.

ئەيدا بالايېۋا تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى مول تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈرك شېرىكلىرىمىز بىلەن ئۇچۇر- ئالاقە ساھەسىدە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىمىز» دېدى.

ئاخبارات ساھەسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلەشمە لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئەيدا بالايېۋا، نۆۋەتتە تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) بىلەن ئورتاق لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەيدا بالايېۋا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرلەرنىڭ قېرىنداش خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جەھەتتىنمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا بىر بىرىنىڭ تىللىرى بىلەن تارقىتىش بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خەۋەر تارقىتىش قاتارلىق خززمەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر