ئەلىيېۋ فۇزۇلى ۋە خوجاۋەندنى زىيارەت قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلى ۋە خوجاۋەند ۋىلايەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.

1602069
ئەلىيېۋ فۇزۇلى ۋە خوجاۋەندنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەپىقىسى مېھرىبان ئەلىيېۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرلاردا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۆزى ھەيدەپ، فۇزۇلى ۋە خوجاۋەند ۋىلايەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. جۈملىدىن، كۆرۈنۈشلەردە، ئەلىيېۋ، يول بويى ۋەيرانە ھالەتتىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ يېزىلارنىڭ ئەرمېنىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئولتۇراق مەھەللىلىرىدىن بىرىدە دەم ئالغان ئەلىيېۋ، ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش پائالىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى، يېڭى يوللارنى ياسىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خائىن دۈشمەننىڭ، ئىشغال دەۋرىدە ئەزەربەيجاننىڭ تارىخىي مىراسلىرىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، بىز بۇ زېمىنلارغا قايتتۇق، قەھرىمان ۋە زەپەر قۇچقۇچى سۈپىتىدە قايتتۇق ۋە دۈشمىنەنى زېمىنلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقاردۇق.»

يولىنى داۋاملاشتۇرغان ئەلىيېۋ، ئاپتوموبىلدا قىلغان سۆزىدە، ئەرمېنىيەنى قوللىغان چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ، ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىنى كۆرۈشۈشى لازىملىقىنى قەيت قىلىدۇ.

ئۇ، يول بويى خوجاۋەند ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدا توختاپ، كۆزدىن كەچۈرۈشلەردە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر