قازاقىستاندا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
قازاقىستاندا « An-26 » تىپلىق ئايروپىلان قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كەتتى.
1600618
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى چېگرا مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ ئايروپىلانى، ئالمۇتا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتكەن، 6 ئەسكەر ئولتۇرغان ئايروپىلان قازاسىدا 4 كىشى ھااياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان 2 كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئايروپىلان نۇرسۇلتان – ئالمۇتا لىنىيەسىدە ئۇچۇۋاتقان ئىكەن.