تۈركىستاندىن تۇنجى خەلقئارالىق ئۇچۇش تۈركىيەگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئالدىنقى يىلى دېكابىردا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تۈركىستان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن تۇنجى چەت ئەل ئايروپىلان سەپىرى 21 – مارت كۈنى ئىستانبۇلغا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

1595687
تۈركىستاندىن تۇنجى خەلقئارالىق ئۇچۇش تۈركىيەگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىستان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپەرلىرى ئۈچۈن  بېلەت سېتىش باشلانغان بولۇپ،  ئالدىنقى يىلى 1 – دېكابىر كۈنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئايرودۇرۇمنىڭ تۇنجى چەت ئەل ئايروپىلان سەپىرى، 21 – مارت كۈنى ئىستانبۇلغا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

تۈركىستان – ئىستانبۇل – تۈركىستان لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپىرىنىڭ، Fly Arystan ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: ««دەسلەپكى قەدەمدە، ھەر ھەپتىدە 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، كېيىنچە نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى ھەپتىدە 7 گە كۆپەيتىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر