قىرغىزىستاندا 3-مارت دۆلەت بايرىقى بايرىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستاندا 3-مارت دۆلەت بايرىقى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا رەسمىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلدى.

1594238
قىرغىزىستاندا 3-مارت دۆلەت بايرىقى بايرىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بىشكەكتىكى بايراق بايرىمى مۇراسىمى ئالاتو مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، بىشكەكنىڭ ۋاقىتلىق شەھەر باشلىقى باقتىبېك كۇدايبەرگېنوۋ سۆز قىلىپ، «پارلامېنت 29 يىل ئىلگىرى 1992-يىلى 3-مارتتا قىرغىزىستان دۆلەت بايرىقىنى ماقۇللىدى. بۇ بايراق مۇستەقىل قىرغىزىستاندا تۇنجى قېتىم 1992-يىلى 5-مارتتا كۆكتە جەۋلان قىلدۈرۈلدى. بايراقنى ئېدىل ئايداربېكوۋ، بەكبوسۇن جايچىبېكوۋ، سابىر ئىفتاروۋ، جۇسۇپ ماتايېۋ ۋە مەمەتبېك سىدىقوۋ قاتارلىق زاتلار تەييارلىدى. دۆلەت بايرىقى بايرىمى بولسا، 2010-يىلدىن ئېتىبارەن رەسمىي مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە» دېدى.

قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پىرېزىدېنت سادىر جاپاروۋمۇ 3 - مارت دۆلەت بايرىقى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا، قىزىل بايراقنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىگە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا  قىرغىزىستاننىڭ مەنىۋى قىممەت قاراشلىرى ۋە تارىخىي يولىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلا بايراق ئاستىدا ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقنىڭ دۆلەت بايرىقى بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

دۆلەت بايرىقى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پۇقرالارنى تەبرىكلىگەن باش مىنىستىر ئۇلۇقبېك مارىپوۋ بولسا، بايراقنىڭ ھەر بىر پۇقرانىڭ غۇرۇرى ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇڭى بىلەن دۆلەت سۆيگۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قىرغىزىستاننىڭ بايرىقى قىزىل رەڭلىك بولۇپ،  ئوتتۇرىدا قىرىق نۇرلۇق سېرىق قۇياش ۋە قۇياشنىڭ ئىچىدە قىرغىزلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مەنىلىك ھېسابلىنىدىغان چېدىرنىڭ تورىسى «تۈندۈك» دېگەننى بىلدۈرىدىغان نەقىشتىن تەركىب تاپىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر