قازاقىستان تېرىقچىلىق يەرلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىشنى چەكلىدى
قازاقىستان چەت ئەللىكلەرنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە ئۇلارغا ئىجارىگە بېرىلىشىنى چەكلىدى.
1591359
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېف، بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى قازاقىستاندا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلرىىنى پەيدا قىلغان «دېھقانچىلىق يەرلىرىنى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېچىش» قارارىنىڭ رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.