ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 61

1590767
ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى.

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ، 2021-يىلى، 8-فېۋرالدىن 11-فېۋرالغىچە ئۆزبېكىستاندا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولدى. ئامرېيېۋ، ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى پالاتاسىنىڭ رەئىسى تانزىلا ناربايېۋا بىلەن، ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە ئەزا بولۇشى باسقۇچى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئامرېيېۋ يەنە، ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىك، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىرى، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە خەۋەرلىشىش، مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىرى، ياشلار ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش نامىدىن، 2021-يىلى، 10-فېۋرال لاتىن ئېلىپبەسىگە تولۇق ئۆتۈش مەسىلىسىگە ئالاقىدار پىلان لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى. قوبۇل قىلىنغان بۇ پىلان لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۆزبېكىستان 2023-يىلى، 1-يانۋارغىچە پۈتۈنلەي لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتكەن بولىدۇ.

ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا تۈركىستان-شىمكەنت-تاشكەنت يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر قويۇقلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى ماكتارال-داربازا تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ كۈنتەرتىپتە. 2021-يىلى، 16 – فېۋرال كۈنى، ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا مىنىستىرلىرى چېگرادا ئۇچرىشىپ، ئورتاق ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەركىزى» پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ، 2021-يىلى، 16-18-فېۋرال كۈنلىرى، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندا زىيارەتلەردە بولدى. ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.  كامىلوۋ، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتلىرىدىن، تاشكەنتتە «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا: رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر» ناملىق خەلقئارالىق كونفېرانس چاقىرىش پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

2021-يىلى، 17-فېۋرال كۈنى، بۇداپېشتتا، ئۆزبېكىستان-ۋېنگرىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى سەردار ئۇمۇرزاكوۋ باشچىلىقىدىكى ئۆزبېكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. يىغىندا، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مىقدارىنىڭ 2020-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 50 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا، ئۆزبېكىستان ۋە ۋېنگرىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرقاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى. شۇ كۈنى، بۇداپېشتتا، ۋېنگرىيە-ئۆزبېكىستان سودا مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. زىيارەت دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى جەمشىد خوججايېۋ، 2021-يىلى، 16 فېۋرال كۈنى، تۈرك كېڭىشىنىڭ بۇداپېشتتىكى ۋاكالەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۆزبېكىستان، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېچىلىدىغان كىرىش ئېغىزى بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان ئافغانىستاندىكى ياردىمىنى كۆپەيتتى. تاشكەنت ھۆكۈمىتى، ھىندىستان ۋە پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ھەيئەتلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى قويۇقلاشتۇردى. ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ دائىرىدە خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدۇق.

ئۆزبېكىستان ئېلان قىلغان ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 850 – يىللىقى، پۈتكۈل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق يىل بويى تەبرىكلىنىدۇ. تۈركسوي ۋە تۈرك ئاكادېمىيەسى بۇ ھەقتە تۇنجى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى، 2021-يىلىنى «ئەلىشىر ناۋايى يىلى» ئېلان قىلدى. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ ئەزالىقى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىغا كۈچ قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر