ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئاخبارات ساھەسىدە خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 60

1586232
ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئاخبارات ساھەسىدە خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئاخبارات ساھەسىدە خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش.

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدىن خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئاخبارات ساھەسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئالدى بىلەن، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى.

2021-يىلى، 4 – فېۋرال كۈنى، ئەنگىلىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ  «CGTN (خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيەسى)» گە چەكلىمە قويدى. ئەنگىلىيەلىكلەر CGTN نىڭ تاقىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ، بۇ قانالنىڭ ساھىبى تەرىپىدىن ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. «‹ The Telegraph› گېزىتى» مۇ ئىلگىرى، ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى MI5 نىڭ، ژۇرنالىست تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ جاسۇسلۇق قىلغان 3 خىتاينىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى يازغانىدى.

2021-يىلى، 5 – فېۋرال كۈنى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا، 24 ماددە ھالىتىدە غەربنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ۋە ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، غەرب تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر، بولۇپمۇ مايك پومپېيو ۋە ئادرىئان زېنزنىڭ باياناتلىرى رەت قىلىنىشقا ئۇرۇنۇلدى.

خىتاينىڭ رەسمىي «‹ رېنمىن رىباۋ› خەلق گېزىتى»، 2021-يىلى، 8-فېۋرال كۈنى، فىرانسىيەلىك يازغۇچى ماكسىىم ۋىۋاس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ماكسىىم ۋىۋاس،  2020-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، فىرانسۇز تىلىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە، «ئۇيغۇرلار، يالغان خەۋەرلەرگە خاتىمە بېرىش» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلغانىدى. ۋىۋاس، مەزكۇر  گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدىن  ئۇيغۇر ئېلىدا تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، غەربتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتايغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2021-يىلى، 9 – فېۋرال كۈنى، خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ Clubhouse ئاممىۋى تاراتقۇ تورىنى چەكلىدى. يېقىنقى مەزگىللەردە، Clubhouse تورىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەلىم - تەربىيە لاگېرلىرى»  ھەققىدە دائىم مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. 2020-يىلى، ئاپرېل ئېيىدا يولغا قويۇلغان Clubhouse يۇمتالى، يېقىنقى ئايلاردا خىتايدا تېزلا ئالقىشقا ئېرىشىشكە باشلىغانىدى.

2021-يىلى، 11 – فېۋرال كۈنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە زىت» ۋە «قانۇنسىز» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن، ئەنگلىيەنىڭ «‹BBC World News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ بۇ دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى. ئەسلىدە، بۇ ھەم CGTN نىڭ تاقىلىشىنىڭ سەۋەبى، ھەمدە BBC دىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە نارازىلىق ئىدى.

فېۋرالنىڭ باشلىرىدا، 180 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بېيجىڭدا  ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان 2022-يىللىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى. 180 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئالدىنقى ئايمۇ شۇنداق چاقىرىقتا بولغان، ئەمما شۇ ۋاقىتتا ترامپنىڭ يىغىلىشى كۈنتەرتىپىدە بولغاچقا، تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىتالمىغانىدى.

بۇ ئارىلىقتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى ئۇبەيد ئەللاھىرىنىڭ ۋە پاكىستان كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇشاھىد ھۈسەيىن سەييىدنىڭ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى.

يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاخبارات ساھەسىدىكى خىتاي-غەرب توقۇنۇشى كەسلىشىپ كەتتى. تەرەپلەر بىر-بىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى چەكلەشكە باشلىدى. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىشى، ئاخبارات ساھەسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بېيجىڭنى ئاساس قىلغان خەۋەرلەر ۋە باياناتلارنىڭ، رۇسىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئېلان قىلىنىشىدىن، خىتاينىڭمۇ بۇ جەھەتتە يالغۇز ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. خىتاينىڭمۇ، غەربنىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر