ئەزەربەيجان پ ك ك تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان 13 پۇقرا ئۈچۈن تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان 13 پۇقرا ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى:
«خائىنلارچە تېرورلۇق ھەرىكىتى سەۋەبىدىن 13 گۇناھسىز تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى بىزنى چوڭقۇر ئازابقا سالدى. پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ قورقۇنچلۇق تېرورلۇق ھەرىكىتىگە چەكسىز غەزەپ – نەپرىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. تېرورلۇقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. يۈز بەرگەن پاجىئە ئۈچۈن سىزگە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا شۇنداقلا پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز»
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋمۇ شەھىدلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىدى.
جەيھۇن بايراموۋ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، «13 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەر بىزنى قاتتىق ئازابلىدى. شەھىدلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقىگە تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. پۇقرالارغا قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. سالامەت بولۇڭلار قېرىنداش تۈركىيە!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.