قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوللاش ۋە قوغداش شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە تېزدىن قارار ماقۇللاشنى بۇيرۇدى.

1579976
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىقى ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت جاپاروۋ بىر ھەپتە ئىلگىرى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن ئۇلۇقبېك مارىپوۋنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى، كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ساھە ۋە ئىقتىسادتىكى قۇرۇلما ئىسلاھاتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان جاپاروۋ، خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوللاش، قوغداش ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە تېزدىن قارار ماقۇللاشنى بۇيرىغان.

جاپاروۋ سودا - سانائەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى قوللاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ كىرىزىسقا قارشى ھەرىكەت پىلانىنى جىددىي ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر