ئەرسىن تاتار دومىنىك رائابنى قوبۇل قىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تۈنۈگۈن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائابنى لەفكوشادا قوبۇل قىلدى.

1577999
ئەرسىن تاتار دومىنىك رائابنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتارنىڭ دومىنىك رائاب بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىس تاتار ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشتا 5+1 قىبرىس يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارالدىكى تىنچلىقنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئىككى دۆلەت بىر – بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان تاتار، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرسىن تاتار دومىنىك رائاب بىلەن قىبرىسلىق تۈركلەرنىڭ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى بىلەن قانداق مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. رائاب بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر