سالىھى: 400 تۈركمەن ئايال دائېشنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتىدۇ

ئىراق تۈركمەن فرونتى، قوشۇمچە ئىراق پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەرشات سالىھى، 400 تۈركمەن ئايالنىڭ سۈرىيەدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى قارمىقىدىكى تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1574871
سالىھى: 400 تۈركمەن ئايال دائېشنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرشات سالىھى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تۈركمەن ئاياللارنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان رەسمىي ھۆججەتلىرىنى ئورتاقلاشقان ھالدا: «ئىراق پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خەت-چەكلىرىگە ئاساسەن، ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن 400 دىن ئارتۇق تۈركمەن ئايالنىڭ سۈرىيەنىڭ راققە، ھاسەكە ۋە ئافرىن تۈرمىلىرى بىلەن ھول لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مەزكۇر تۈركمەن ئاياللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىراق پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر