سادىر جاپپاروۋ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى

قىرغىزىستاننىڭ 6-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

1572873
سادىر جاپپاروۋ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا 10-يانۋار (2021) ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %79.20 ئاۋازغا ئېرىشىپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان سادىر جاپپاروۋ ئۈچۈن بىشكەكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا، 2020-يىلى 5-15-ئۆكتەبىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن سورونباي جەئىنبېكوۋمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى.

سادىر جاپپاروۋ مۇراسىمدا، مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى نۇرجان شائىلدابېكوۋدىن پىرېزىدېنتلىق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى ۋە ئوڭ قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ قەسەم قىلدى.

ئۇ دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن: «ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئۆتمۈشى بار خەلقنىڭ ئالدىدا كاتتا مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى.

ئۇ 2020-يىلى 5-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن نامايىشلارنىڭ پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە پىرېزىدېنت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «قالايمىقانچىلىق ۋە قانۇنسىزلىقنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان دۆلەتتە، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن خەلقىمىز بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق. ۋەزىيەتنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق» دېدى.

ئۇ رۇسىيەگە قىرغىزىستاننىڭ قىيىنچىلىق كۈنلىرىدە ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتتى ۋە قوشنا ئۆزبېكستان ھەمدە قازاقىستان بىلەن ئورتاق تەقدىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلار بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر