تۈركىستان شەھىرى بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسى ياسىلىدۇ

قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەسقەر مامىن تۈركىستان شەھىرى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ ياسىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1571309
تۈركىستان شەھىرى بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسى ياسىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىندا باش مىنىستىر ئەسقەر مامىن قازاقىستاندا بۇ يىل ساياھەت ساھەسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 100 مىليارد 100 مىليون  تەنگە (يەنى، 2 مىليارد 600 مىليون دوللار) لىق سېلىنما لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر ئەسقەر مامىن قازاقىستاندا ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستاندىن ئۆزبېكىستانغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولى لىنىيەسىنىڭ ياسىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەسقەر مامىن مەزكۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولى لىنىيەسىنىڭ تۈركىستان بىلەن تاشكەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان لىنىيەدە ياسىلىشى پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىستان-چىمكەنت-تاشكەنت لىنىيەسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولى لىنەيىسى قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر