تۈرك كېڭىشى «قانلىق يانۋار» قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈرك تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) ئەزەربەيجاننىڭ قايغۇ ۋە ئىپتىخار كۈنى بولغان تارىخىي 20 – يانۋار «قانلىق قىرغىنچىلىقى»نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە ۋەقەنى ئەيىبلىدى.

1567156
تۈرك كېڭىشى «قانلىق يانۋار» قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «<قارا يانۋار> دېگەن نام بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان 1990 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 – كۈنىدىكى باكۇ قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز تۈرك كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەزەربەيجاننىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بارلىق قەھرىمان ئەۋلادلىرىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك خاتىرىلىرى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن باش ئىگىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

1990 - يىلىنىڭ بېشىدا ئەرمەنلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زېمىن تەلەپلىرىگە ۋە سابىق سوۋېت ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان نەچچە مىڭ ئەزەربەيجانلىق باكۇدىكى ئەركىنلىك مەيدانىغا يىغىلىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك يىغىلىشلارنى باشلىغانىدى.

نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن 20 – يانۋاردا باكۇنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا كىرگەن 26 مىڭ كىشىلىك سابىق سوۋېت ئارمىيەسى، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 147 پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ۋە نەچچە يۈز كىشىنى يارىلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر