ئەزەربەيجان تاغلىق قاراباغنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانلار سانىنى ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش كۈرىشىدە ئىككى مىڭ 855 ئازەرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1566326
ئەزەربەيجان تاغلىق قاراباغنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانلار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ،27 - سېنتەبىر باشلىنىپ 10 - نويابىر ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىلىدى.

باياناتتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى مىڭ 841 دەپ ئېلان قىلىنغان شېھىتلەر سانىنىڭ بىر قىسىم جەسەتلەرنىڭ تېپىلىشى ۋە كىملىكلىكلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشى بىلەن ئىككى مىڭ 855 دەپ يېڭىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

50 ئەسكەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان مىنىستىرلىق، يەرلىككە قويۇلغان شېھىت ئەسكەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قوزغىغان ھەرىكىتى ئارقىلىق بەش شەھەر مەركىزى، تۆت بازار ۋە 286 يېزىنىڭ ئازاد قىلىشىدىن كېيىن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىپ ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىدىنمۇ ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغانىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى 20 - نويابىردا ئاغدامدىن، 25 - نويابىردا كەلبەجەردىن، 1 - دېكابىردا لاچىندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر