قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىسىدىكى قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1566356
قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توكايېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامىگە ئاساسەن، ئەسقەر مەمىن 10 - يانۋاردىكى پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى  ھۆكۈمەتتە يەنە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

ئەلىخان سمائىلوۋ، رومان سكليار ۋە يەرالى تۇگجانوۋلار مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن ھۆكۈمەتتە، مۇختار تىلۇبەردى مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۆتەيدۇ.

قازاقىستان خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىغا ئاسەت ئىرگاليېۋ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىغا سەرك شاپكەنوۋ تەيىنلەندى.

تۆۋەندىكى 16 مىنىستىر ھۆكۈمەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى:

«تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلۇبەردى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يەرلان تۇرگۇمبايېۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرلان يەرمەكبايېۋ، ئېنېرگىيە مىنىستىرى نۇرلان نوگايېۋ، ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئايدا بالايېۋا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ساپارخان ئۆمەروۋ، ئەدلىيە مىنىستىرى مارات بەكەتايېۋ، مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن مىنىستىرى ئاسخات ئايماگامبېتوۋ،  سەھىيە مىنىستىرى ئالەكسەي تسوي، سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات مىنىستىرى بەئىبىت ئاتامقۇلوۋ، مالىيە مىنىستىرى يەرۇلان جاماۇبايېۋ، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاقتوتۇ رائىمقۇلوۋا، سودا ۋە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرى باكىت سۇلتانوۋ، رەقەملىك تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالەم قاتنىشى مىنىستىرى باغداد مۇسىن، مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى ماگزۇم مىرزاگالىيېۋ، جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرى يۇرىي ئىليىن».

قازاقىستان ھۆكۈمىتى 15 - يانۋاردىكى سايلامدىن كېيىن يېڭى كابىنېتنىڭ تەشكىللىنىشى ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر