تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە 20 مىڭ تابلىت سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى

تۈركىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە 20 مىڭ تابلىت سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى.

1563367
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە 20 مىڭ تابلىت سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى ئەلى پىللى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەتىگەن ئەنقەرە ۋاقتى سائىت 5 تە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى ئارقىلىق 20 مىڭ تابلىت سىنوۋاك ۋاكسىسى دۆلىتىمىزگە يېتىپ كەلدى. ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئەتە ۋە شەنبە كۈنى باشلاشنى پىلانلاۋاتىمىز. دەرۋەقە، بۇ ھەقتىكى پىلانلىرىمىزنىمۇ ئاللىقاچان تۈزۈپ بولدۇق. ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە 9 مەركىزىمىزدە باشلىنىدۇ، جۈملىدىن، ۋاكسىنا ئەملەش، ئالدى بىلەن، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى سەھىيە خادىملىرى بىلەن باشلىنىدۇ، ئاندىن 65 ياشتىن چوڭ ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىنى پىلان بويىچە پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا داۋاملاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىز ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىمىزنى قولاي تاماملىيالىشىمىز مۇمكىن. بۇ ھەقتە خادىملارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىمۇ تاماملاندى. جۈملىدىن، بىزگە نىسبەتەن ۋاكسىنا ئەملەش قىيىن ئەمەس.»

مىنىستىر پىللى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بەرگەن ياردەملىرى تۈپەيلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجاغا، ئۆزى ھەم دۆلىتى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارشى كۈرىشىمىزدىمۇ باشتىن – ئاخىر بىزنى قوللاپ ھەم ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر