تۈركىيە ئۆزبېكستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان

ئۆزبېكستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1563015
تۈركىيە ئۆزبېكستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى دۆلەتتە قۇرۇلغان چەت ئەل شىركەتلىرى توغرىسىدا سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى.

ئۆزبېكستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، 2020-يىلىدا ئۆزبېكستاندا 305 شىركەت قۇرغان تۈركىيە، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغان. ئۆتكەن يىلى (2020) 1715 چەت ئەل شىركىتى قۇرۇلغان ئۆزبېكستاندا، ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيەدىن كېيىن، 265 شىركەت قۇرغان رۇسىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 147 شىركەت قۇرغان خىتاي بولسا، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

بۇ مەزگىلدە قازاقىستان مەبلىغى بىلەن 110، جەنۇبىي كورېيە مەبلىغى بىلەن 77 شىركەت قۇرۇلغان. چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەر ئاساسلىقى تاشكەنت، سەمەرقەنت ۋە سۇرخاندەريا قاتارلىق جايلارنى تاللىغان. بۇ شىركەتلەر ئەڭ كۆپ سانائەت، سودا، بىناكارلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى ساھەلىرىگە مەبلەغ سالغان.

2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ جەمئىي سانى 11 مىڭ 781 گە يەتكەن. 2019-يىلى بولسا، بۇ سان 3 مىڭ 330 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر