جاپپاروۋ: 4-3 يىلدا قىرغىزىستاننى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتقۇزىمەن

قىرغىزىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان سادىر جاپپاروۋ سىياسىي مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشقان ئەھۋالدا قىرغىزىستاننى 4-3 يىلدا ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتقۇزىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

1561136
جاپپاروۋ: 4-3 يىلدا قىرغىزىستاننى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتقۇزىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان سادىر جاپپاروۋ بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېقىنقى 30 يىلدا چىرىكلىكنىڭ ھەر ساھەدە يىلتىز تارتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ھەممە كىشىنىڭ قولىنى يۈرىكىگە سېلىپ، دۆلەتنى قوللىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خەلقنىڭ ئۆزىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كونا ھۆكۈمەتلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆتكۈزمەيمىز، سىياسىي بېسىم قىلىشتىن يىراق تۇرىمىز، قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغانلارغا كۆز يۇممايمىز» دېدى.

ئۇ قىرغىزىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2-1 يىل ۋاقىتنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سىياسىي مۇقىملىق ئورنىتىلغان ئەھۋالدا قىرغىزىستاننى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن 4-3 يىلدا قۇتقۇزىمەن» دېدى.

قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام ۋە رېفېراندۇم كومىتېتىنىڭ باشلىقى نۇرجان شائىلدابېكوۋا غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، تاشلانغان ئاۋازلارنىڭ %79.18 گە ئېرىشكەن سادىر جاپپاروۋنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرتتوقايېۋ سادىر جاپپاروۋغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

سادىر جاپپاروۋمۇ قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، قاسىم جۆمەرتتوقايېۋنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىرىنچى چەت ئەل زىيارىتىنى قازاقىستاندىن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر